شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024-10-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر، ئوخشاشلا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ۋە ئاساسلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يېتىپ كەلگەن مۇشۇ پەيتتە، ئەڭ سەمىمىي تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. تۆتتىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى، دۆلىتىمىز دۇنيادا تۇنجى بولۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن تېزدىن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. ھازىر، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، ئادىل بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتا ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئورتاق تونۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەم يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



Baidu
map