ھەم ياشانغاندا ئوبدان كۈتۈنۈپ، ياشانغاندا خۇشال ئۆتۈپ، ھەم ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن «ياشانغانلار كۈچى» قوشۇش كېرەك

2024-10-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، «ياشانغانلار ھەرىكىتى» پېشقەدەم پىدائىيلار ۋەكىللىرىنى ئىلھاملاندۇردى

ھەم ياشانغاندا ئوبدان كۈتۈنۈپ، ياشانغاندا خۇشال ئۆتۈپ، ھەم ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن «ياشانغانلار كۈچى» قوشۇش كېرەك

جاۋاب خەت

«ياشانغانلار ھەرىكىتى» پېشقەدەم پىدائىيلار ۋەكىللىرى:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كۆپچىلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆگەنگەنلىرىڭلار ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىڭلاردىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو پېشقەدەملىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار.

ياشانغانلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. كەڭ ياشانغان دوستلارنىڭ ئىرادىلىك ئادەم قېرىسىمۇ، قەلبى جۇشقۇنلۇققا تولۇش، قېرىسىمۇ تېتىك تۇرۇشتەك ساغلام روھىي ھالىتى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلاپ، ھەم ياشانغاندا ئوبدان كۈتۈنۈپ، ياشانغاندا خۇشال ئۆتۈپ، ھەم ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن «ياشانغانلار كۈچى» قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ياشانغانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى ياشانغانلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

چۇڭياڭ كاتتا بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، سىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغان دوستلارنىڭ ساغلام بولۇشىنى، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىنى ۋە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «ياشانغانلار ھەرىكىتى» پېشقەدەم پىدائىيلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، كۆپچىلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆگەنگەنلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو پېشقەدەملىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشانغانلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. كەڭ ياشانغان دوستلارنىڭ ئىرادىلىك ئادەم قېرىسىمۇ، قەلبى جۇشقۇنلۇققا تولۇش، قېرىسىمۇ تېتىك تۇرۇشتەك ساغلام روھىي ھالىتى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلاپ، ھەم ياشانغاندا ئوبدان كۈتۈنۈپ، ياشانغاندا خۇشال ئۆتۈپ، ھەم ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن «ياشانغانلار كۈچى» قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ياشانغانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى ياشانغانلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

«ياشانغانلار ھەرىكىتى» مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى 2003 ـ يىلى باشلىغان ياشانغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەرقايسى ساھەلەردىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم پىروفېسسورلارنى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەيدۇ. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلار ھەرىكىتى»گە قاتناشقان ياشانغان پىدائىيلار جەمئىي 7 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 4000دىن ئارتۇق ياردەم بېرىش تۈرىنى قانات يايدۇردى، «ياشانغانلار ھەرىكىتى» ياشانغانلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يېقىندا، «ياشانغانلار ھەرىكىتى»گە قاتناشقان ياشانغان پىدائىيلار ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.



Baidu
map