خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بىڭتۇەن ساۋخۇ تۈر رايونىغا كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2024-10-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ساۋخۇ تۈر رايونىغا كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ئالىي مائارىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈر ئومۇمىي يىرىك پىلانى، باسقۇچلۇق نىشانى ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ساۋخۇ تۈر رايونىغا كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئالىي مائارىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈر ئومۇمىي يىرىك پىلانى، باسقۇچلۇق نىشانى ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈر پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاش كېرەك؛ مەۋقەنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كەسىپ ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قويۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئەۋزەل پەن، سەرخىل كەسىپلەرنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ساۋخۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقىدار تارماقلار كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا پائال بازار كېڭەيتىشىنى قوللىشى كېرەك؛ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما كۆپ قاتلاملىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى مياۋ خۇا ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.


Baidu
map