دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2024-10-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىغا خەت ئەۋەتىپ مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن خېتى

جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قىزىل كىرېست خىزمەتچىلىرى، ئەزالىرى، پىدائىيلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىۋىلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئىشەنچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قىزىل كىرېست خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قىزىل كىرېست خىزمەتچىلىرى، ئەزالىرى، پىدائىيلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا جۇڭگو قىزىل كىرېست ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2024 - يىل 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا خەت ئەۋەتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قىزىل كىرېست خىزمەتچىلىرى، ئەزالىرى، پىدائىيلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم قىزىل كىرېست خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىۋىلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئىشەنچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قىزىل كىرېست خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قىزىل كىرېست خىزمەتچىلىرى، ئەزالىرى، پىدائىيلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا جۇڭگو قىزىل كىرېست ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ خېتى يەتكۈزۈلدى. دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قىزىل كىرېست ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئۈچ قۇتقۇزۇش، ئۈچ تەقدىم قىلىش»تىن ئىبارەت ئۆز خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى تولۇقلاپ كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى زىچ توقۇشى، پۇختا توقۇشى كېرەك. قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل كىرېست ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې ۋېي يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى شۈ ليۇپىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. يىغىندا مەملىكەت بويىچە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى 32 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئون ئىلغار خىزمەتچى تەقدىرلەندى.



Baidu
map