شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن جۇڭگو - موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024-10-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئۆزئارا مۇھىم يېقىن قوشنا، موڭغۇلىيە دۆلىتى يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ دوستلۇقنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، «يايلاق يولى» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۈن ئېردىنى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئويۈن ئېردىنى مۇنداق بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايمەن.



Baidu
map