خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2024-10-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كېلىپ، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىنقىلابىي تارىخىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى بېكەتتە شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كېلىپ، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىنقىلابىي تارىخىنى ئاڭلىدى، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىڭتۇەن روھىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوبۇل قىلىپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئارقىدىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خې لىفېڭ كارخانىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم كارخانىنىڭ ئالاقىدار تۈر مەسئۇللىرى بىلەن نەق مەيداندا توردا ئۇلىنىش شەكلىدە ئالاقىلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ دىققەتنى كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مۇھىت قوغداش، ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ياخشى قۇرۇپ، كەسىپ پەن - تېخنىكا يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى مياۋ خۇا، ھەمدە ئاپتونوم رايون، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.



Baidu
map