مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2024-10-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى پۇختا ئىشلەپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلەن ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىپ، قوشۇننى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىن لايىھە تۈزۈش ۋە مانېۋىرنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىش ۋە ئۇچۇرلارنى دوكلات قىلىش - ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تىرىكىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار مەدىتىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.


Baidu
map