شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېن بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024-10-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 75 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىدە بىر - بىرىنى قوللاپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلاشتى. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ ھەم خەت ۋە تېلېگرامما ئەۋەتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق ۋە تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: 75 يىل ئىلگىرى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئۆز ئىشلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك سىناق ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، سوتسىيالىزم يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇزاق تارىخقا ۋە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىغا ئىلگىرىكىدەكلا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپى بويىچە، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.


Baidu
map