​شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خەت

2024-10-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

​شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خەت

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى:

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ! بىڭتۇەندە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر، گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر، خەلق ئەسكەرلىرىدىن، مەركەزنىڭ بىڭتۇەندە تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن، بىڭتۇەن خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان كىشىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمىز! بىڭتۇەن ئىشلىرىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

1954 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ جايدا كوللېكتىپ كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئالاھىدە بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى قارار قىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ: بىڭتۇەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، بىڭتۇەننى باشتىن - ئاخىر چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ ئېنىق يوليورۇق بەردى. بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم سىستېمىسىنى قايتا يارىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك چوڭقۇر ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ مەنىۋى قىممەتلىك بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى چوقۇم قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

گوۋۇيۈەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

2024 - يىل 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)





Baidu
map