خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بىڭتۇەن 9 - شى بەيياڭ شەھىرى ۋە 1 - شى ئارال شەھىرىگە كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2024-10-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى بەيياڭ شەھىرى ۋە 1 - شى ئارال شەھىرىگە كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: خې لىفېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 1 - شى ئارال شەھىرى 10 - تۇەن 18 - ليەنىنىڭ ماشىنىدا پاختا يىغىش مەشغۇلات نەق مەيدانىدا، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ ياسىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا، ماشىنىدا پاختا يىغىش نەق مەيدان مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى بەيياڭ شەھىرى ۋە 1 - شى ئارال شەھىرىگە كېلىپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋۋال ۋېي دېيوۋ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىغا بېرىپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن ۋېي دېيوۋنى يوقلىدى، ھال سورىدى، ۋېي دېيوۋنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. خې لىفېڭ ۋېي دېيوۋ ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋېي دېيوۋنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىدى ھەم بىڭتۇەنلىكلەر چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىپىك نەمۇنىچىلارنى ياخشى تاللاپ، تىكلەپ، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىڭتۇەن ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، كۈچ ئۇلاپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

ئارقىدىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بەيياڭ شەھىرى قۇرۇلۇش تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ، بەيياڭ شەھىرى بىلەن چۆچەك شەھىرىنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، تۈرلەرنى پىلانلاش، زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ھەم بىڭتۇەننىڭ ئىچكى - تاشقى سودا تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان شەھەر بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك؛ بىڭتۇەننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش، قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلارنىڭ جايلىشىشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 1 - شى ئارال شەھىرى 10 - تۇەن 18 - ليەنىدىكى پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش مەشغۇلاتى نەق مەيدانىغا كېلىپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش نەق مەيدان مەشغۇلاتىنى كۆردى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەننىڭ يەرنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پاختا سورتلىرىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، پاختىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

359 - لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىدا، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 359 - لۈينىڭ قىسىم تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە 1 - شى ئارال شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىدى. خې لىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: 359 - لۈي شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە قوشۇن بولۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا يىلتىز تارتىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان شانلىق ئىش ئىزلارنى قالدۇردى. تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى چۈشەندۈرۈپ، دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى مياۋ خۇا، ھەم ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.



Baidu
map