شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، ۋېن شىن) 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىسمەن چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق دوستلۇقى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەم ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ھەم دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئاچتى. بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەسلىسەك، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. زور بىر تۈركۈم خەلقئارادىكى دوستلار جۇڭگو خەلقى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى، نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرى، ئاپپاراتلىرى، شەخسلەر جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، پۈتۈن يەرشارىدىكىلەر بىر ـ بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق، ئىنسانلار تەقدىرداش بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلار بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

بىرىنچىدىن، «يەرشارىدىكىلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش» روھى ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىز ئورتاق ياشاۋاتقان يەرشارىنى تىنچ، ئىجىل ـ ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسى ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلىشىشقا ئىنتىلمەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك دوستلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، تىنچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىق بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مەدەنىيلىك مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان مىللەت، جۇڭگو خەلقى ئاق كۆڭۈل، دوستانە خەلق. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى، جۇڭگو دىپلوماتىيەسى خەلقنىڭ دىپلوماتىيەسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دوستلۇقنى كۆۋرۈك قىلىپ، قەلبداش بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى ۋە خەلقنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشىنى قوللايدۇ.

نىگېرىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباسانچو، تايلاندنىڭ سابىق پارلامېنت رەئىسى پوچىن، ئامېرىكا «گۇلىڭ دوستلۇقى»نىڭ چاقىرغۇچىسى مۇ يەنلىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا چەت ئەل تەرەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە جارى قىلدۇرغان ئۆزگىچە رولىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇپ، تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىد ماياكى بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى مۇقەررەركى دۇنياغا داۋاملىق بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

چەت ئەللەرنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرى، خەلقئارا دوستلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دوستانە زاتلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 200 كىشى قاتناشتى.

سەي چى، خەن جېڭ، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.



Baidu
map