«شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024-10-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

سۇ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئانىسى، ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، مەدەنىيلىكنىڭ مەنبەسى. سۇنى ئىدارە قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى، گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۇنى ئىدارە قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىنى تېجەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سۇ ئاپىتى، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى كۈچلۈك سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» ئالتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 297 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2024 - يىلى 8 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، جاۋاب خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 130 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.



Baidu
map