مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2024-10-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلار دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى. ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىشتىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇقلارنى تۈگىتىپ، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلىنىڭ كۈچەيتىش، گىرەلەشتۈرۈش، ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رەقەملىك ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دۆلەتنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. «پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق نىشان: 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈزۈم قائىدىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، بايلىق تەمىناتى كۆلىمى ۋە سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، نۇقتىلىق ساھە، رايونلاردا ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلى تىپىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار يېتىلدۈرۈلۈپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقى ئامىلىنىڭ رولى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلىنىدۇ. 2030 - يىلىغا بارغاندا، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈزۈم قائىدىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈلۈپ، بايلىقنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىش ئۆلچەمگە لايىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىنىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇش، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش، سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئامىللىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ.


Baidu
map