​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

2024-09-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك​

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن نەمۇنىچى شەخس ۋە نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە بەردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. 352 نەمۇنىلىك كوللېكتىپ، 368 نەمۇنىچى شەخس تەقدىرلەندى.

شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن نەمۇنىچى شەخس ۋە نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە بەردى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئىجادىي تېپىپ چىقتۇق. بۇ يولدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئومۇمىي مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتكە زۇلۇم سېلىش ۋە مىللەتنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتكە ھەقىقىي ئېرىشىشى، ئورتاق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا ئىگىلىنىپ، بىرلىك بىلەن ئاپتونومىيەنى بىرلەشتۈرۈش، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يول تامامەن توغرا.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەت، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتۈپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تومۇرداش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى تارىخىي ئاساس؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ؛ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىدىكى مەدەنىيەت گېنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تارىخ، مەدەنىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ زىچ باغلىنىشى، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى بايلىقنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرا رايون ۋە مىللەتلەر رايونىنىڭ قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ يىلتىزى ۋە جان تومۇرى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سۆزنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

تەقدىرلەنگەن نەمۇنىچى شەخس ۋە نەمۇنىلىك كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ قىسمەن شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.



Baidu
map