ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

2024-09-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىللىرىنى ئىلھاملاندۇردى

ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

جاۋاب خەت

جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىللىرى:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. مەن ئىلگىرى ئىككى قېتىم جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە بارغانىدىم، كۆپچىلىكنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان قەتئىي ئىنتىلىشى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. مۇشۇ يىللاردا، سىلەر دىققەتنى مۇھىم جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قەلبى ۋە ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلدىڭلار.

ياسىمىچىلىق دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىچكى ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەركەز كارخانىلىرى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يادرولۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ كارخانىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئىلگىرى ئىككى قېتىم جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە بارغانىدىم، كۆپچىلىكنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان قەتئىي ئىنتىلىشى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. مۇشۇ يىللاردا، سىلەر دىققەتنى مۇھىم جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قەلبى ۋە ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلدىڭلار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىق دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىچكى ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەركەز كارخانىلىرى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يادرولۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ كارخانىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانا، باش ئىشتابى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرىگە جايلاشقان. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار ياسىمىچىلىق بازىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا، ئىلغار نەمۇنىچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن جۇڭگو 1 ـ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.



Baidu
map