​شىنجاڭدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل نىسبىتى بىردەك %15تىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشەلدى

2024-10-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سودا خاراكتېرلىك شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلى بېرىشتە تۇنجى يۈرۈش ئۆي، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي دەپ ئايرىلمايدۇ​

شىنجاڭدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل نىسبىتى بىردەك %15تىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشەلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن باشلاپ، قەرز پۇل ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغان ئاھالىلەرگە قارىتا، سودا خاراكتېرلىك شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلى بېرىشتە تۇنجى يۈرۈش ئۆي، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي دەپ ئايرىلمايدۇ، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتى بىردەك ئۆي پۇلى ئومۇمىي باھاسىنىڭ %15ىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن، ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى(تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەرز پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئۆسۈم نىسبىتى LPRدىن 30 ئاساسىي نۇقتىنى ئېلىۋەتكەندىن يۇقىرى بولسا، بىردەك LPRدىن 30 ئاساسىي نۇقتىنى ئېلىۋەتكەندىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشىلىدۇ.

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى شىنجاڭ بازار ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىشتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 2024 - يىللىق 4 - قېتىملىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شىنجاڭ رايونىنىڭ ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەم تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى سىياسىتى توغرىسىدا يۇقىرىقىدەك بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

LPR قەرز پۇلنىڭ مەلۇم قىلىنغان بازار باھاسى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ قىسقارتىلغان ئاتىلىشى، ئۇ ھەرقايسى باھا مەلۇم قىلغۇچى بانكىلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەلا مۇئامىلىدارلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىدىغان قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىگە ئاساسەن، ئاشكارا بازار مەشغۇلاتى ئۆسۈم نىسبىتى (ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز ئېلىشقا قولايلىق بولۇش ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ)گە نۇقتا قوشۇپ شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلىدا باھا مەلۇم قىلىدىغان، مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا كەسىپداشلار ئۆتنە مەركىزى ھېسابلاپ چىققان ھەم ئېلان قىلغان ئۇل خاراكتېرلىك قەرز پۇل بېرىشتە تەتبىقلىنىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى بولۇپ، بانكىلارنىڭ قەرز پۇل بېرىشىنى باھا بېكىتىش پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساقلانما مىقداردىكى تۇراقسىز ئۆسۈم نىسبىتىدىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلىغا قارىتا، ئۆسۈم نىسبىتى LPRدىن 30 ئاساسىي نۇقتىنى ئېلىۋەتكەندىن يۇقىرى بولسا، بىردەك LPRدىن 30 ئاساسىي نۇقتىنى ئېلىۋەتكەندىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشىلىدۇ؛ LPRدىن 30 ئاساسىي نۇقتىنى ئېلىۋەتكەنگە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، ھازىرقى سىياسەت شارائىتىدىكى ئەڭ ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولغان، دەپ قارىلىپ، بۇ قېتىمقى تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ھازىرقى تۇراقلىق ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە بېرىلگەن قەرز پۇل ياكى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە باھا بېكىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان قەرز پۇللارغا قارىتا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئالدى بىلەن تۇراقسىز ئۆسۈم نىسبىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بۇ قېتىمقى تەڭشەشكە قاتناشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىمقى تەڭشەش پەقەت سودا خاراكتېرلىك شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىغا قارىتىلغان بولۇپ، سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي(سودا ۋە تۇرالغۇغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي، دۇكان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قەرز پۇلى بۇ قېتىمقى تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

نۆۋەتتە، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى قاتارلىقلار مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: تەڭشەش دائىرىسىدىكى LPR بويىچە باھاسى بېكىتىلگەن تۇراقسىز ئۆسۈم نىسبىتىدىكى قەرز پۇلغا قارىتا، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ھاجەتسىز، بانكا 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ بىرتۇتاش تۈركۈملەپ تەڭشەيدۇ.

مۆلچەرىي ھېسابلىغاندا، 1 مىليون يۈەن، 25 يىللىق، دىرى ۋە ئۆسۈمى تەڭ سوممىدا قايتۇرۇلىدىغان ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %4.4تىن %3.55كە تۆۋەنلىتىلسە، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆسۈم چىقىمى يىلىغا تەخمىنەن 5600 يۈەن تېجەپ قېلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۈركۈملەپ تەڭشەشتە شىنجاڭدىكى قەرز ئالغۇچىلارنىڭ يىللىق ئۆسۈم چىقىمى تەخمىنەن 911 مىليون يۈەن ئازىيىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئىستېمال ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى «سودا خاراكتېرلىك شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى ھەم دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «شەخسلەر تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى بېرىشتە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. شۇ كۈنى، بازار ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىشتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمى مۇنداق تەشەببۇس چىقاردى: ھەرقايسى سودا بانكىلىرى پىرىنسىپ جەھەتتە 2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى تۈركۈملەپ تەڭشەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىدىن ئالاقىدار پىكىر ئېلىش ئاساسىدا تەۋەلىكىدىكى خەلق بانكىسىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك شۆبە بانكىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەم تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە قەرز پۇل بېرىشتە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىنى ۋاقتىدا يەتكۈزدى، شۇنداقلا شىنجاڭ بازار ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىشتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى 103 يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۈركۈملەپ تەڭشەش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىشقا تەشكىللىدى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى شىنجاڭ بازار ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىشتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنى توختام نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىستېمىنى ئۆزگەرتىش، تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېزدىن تاماملاشقا تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭدا ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تارقىتىلغان تۇرالغۇ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىگە يېقىنلاشتۇرۇپ تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە قەرز پۇل بېرىشتە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل نىسبىتى سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.


Baidu
map