ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2024-10-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۈرۈمچىدە رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرى، ياۋروپا - ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە رۇسىيە چياۋمىن ئالاقە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كالاشنىكوف باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە مەدەت بەردى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا دىققەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بىز رۇسىيە بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىمىز.

كالاشنىكوف مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىزچىل زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ھازىر رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمەن. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق رايون ۋە ئاچقۇچلۇق تۈگۈن بولۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش جەھەتتە ئىستىقبالى پارلاق، رۇسىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


Baidu
map