مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2024-10-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، قاراپ چىقىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن يوچۇقلار تەكشۈرۈلۈپ، كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق تۈزىتىپ، ئۆتكەلگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، مەركەزنىڭ يىللىق نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش تەلىپىگە قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، تۈرمۇ تۈر تاسقاپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئوخشاش تۈردىكى مەسىلە كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، پورتلارنىڭ يادرولۇق ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، سۈپەتكە دائىر سىياسەت، تۈزۈملەرنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئىدارە قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى چۆرىدەپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈپەتنىڭ تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، دىققەتنى بىر تۈركۈم زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى «قاتتىق قوغداش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، تېز قوغداش، باراۋەر قوغداش» خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، تورغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي» «ئىككىمىز بىللە تەكشۈرەيلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ يوق» يېمەكلىك، ساختا، ناچار يېمەكلىك ياساش، سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق مەركەزلىك غىزالىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا سېتىلىدىغان يېمەك - ئىچمەك ھەم ۋاڭخۇڭ يېمەكلىكلەرگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساختا، ناچار دورا مەھسۇلاتى ياساش، سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش، تەنبىھ بېرىشنى زورايتىپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رىقابەتلىشىشنى چەتكە قېقىش، چەكلەشنى قەتئىي تۈگىتىپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشتىكى قاتتىق چەكلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەت قەدىرلەيدىغان، كارخانىلار ئىنتىلىدىغان، ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى.



Baidu
map