ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان فۇ خۇا قاتارلىق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2024-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى فۇ خۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي كۆرۈشۈش جەريانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، خالىس ياردەم بەردى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى جانلىق نامايان قىلدى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىياتنىڭ كۈنسايىن نامايان قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، خەلق رايىغا ماسلاشقان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ «ئىرقىي يوقىتىش قىلدى» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» قاتارلىق ئۇچىغا چىققان يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىپ، رەزىل غەرەزدە يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامرات، ئارقىدا قالغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار يەنە شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا دائىم كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي بولغان جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.

تاس ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى ئاندىرى كوندراشوف، قاتار يېرىم ئارال تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى مۇستاپا سۇۋاگ، جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋىلسون سۇبولامونې، مالايسىيا دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رەئىسى خۇاڭ جېنۋېي، بىرازىلىيە سان پاۋلو يېباۋ گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى مارسېلو بېنېس، نىگېرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلى ئەلى، قىرغىزىستان كابال دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مېيجېربېك شېرمېتالىيېف ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلىدى، شىنجاڭنىڭ رايون جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ توختىماي ساختا تەشۋىقات ۋە يامان غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىش نىشانى بولۇپ قالدى. لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار ساختا ئۇچۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي سىياسىي مۇددىئا ئۈچۈندۇر. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، تاراتقۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، بىر - بىرى بىلەن بولغان چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ بولغان جۇڭگو تېخىمۇ ياخشى خەۋەر قىلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش ھېكايىسىنىڭ ياخشى سۆزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەنە «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، ھەم يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا تاراتقۇ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاراتقۇ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈەن بىڭجۇڭ، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى خۇ جىنجۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلق گېزىتخانىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەركەز ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئالاقىدار ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي، فۇ خۇا، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.


Baidu
map