7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

2024-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي، يىن خېجۈن سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يىن خېجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ نىشانى، پىكىر يولى ۋە ۋەزىپە - تەدبىرلىرى ئورتاق كېڭىشىلدى، ئاپتونوم رايون، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يىن خېجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، بىرلىكتە دۆلەت شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ھازىر شىنجاڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلىشىگە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنىدىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىدىكى يادرولۇق ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ۋەزىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە بايلىقىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە يۈرۈشتۈرۈپ، ئەۋزەل ساھەلەردە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى پائال بەرپا قىلىپ، دۆلەت ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىن خېجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ھەم يەرلىك بىلەن بىرلىكتە، «4 + 19» دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خىزمەت ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يۈكسەكلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەڭلىك دەرىجىسىنى كېڭەيتىش، توغرىلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىپ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ دەل جايىدا كۈچەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقىنى قوغداشنى قوللاشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشىنى قوللاشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىغا قاتنىشىشىغا پائال مەدەت بېرىش كېرەك. بەشىنچى، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ جەي لىشىن، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى تاۋ يۇڭشىن «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»دىكى ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك پەن - تېخنىكا كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىخۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى گاۋ يىڭجۇڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ گوپىڭ، خېنەن ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ رۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ، بىڭتۇەن پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۇڭ رۇي پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، بىڭتۇەن پەن - تېخنىكا ئىدارىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تارماقلىرى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، باش كاتىپ لىن شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، شېنجېن شەھىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، كارخانا باغچە رايونى، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.




Baidu
map