ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.9 ئاشتى

2024-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 374 مىليارد 508 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.92 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى 90 مىليارد 786 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %24.24ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.9 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى ھەم ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى تېز ئېشىپ، 31 مىليارد 533 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.97 ئاشتى؛ شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى 59 مىليارد 252 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشتى. يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ۋاقتى 2521 سائەتكە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ۋاقتى 1634 سائەت، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ۋاقتى 887 سائەت بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سىجىل تۈردە شىنجاڭ ئىچىدىكى غول تور رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىغان «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور» 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 80 مىليون 470 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 38 مىليون 760 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 41 مىليون 710 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى توك مەنبەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %50.54ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ ھەممىسى مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى.



Baidu
map