ئالدىنقى توققۇز ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولى توشۇغان يولۇچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشتى

2024-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريولى توشۇغان يولۇچى 39 مىليون 613 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ يۈرۈشۈشى زىچ بولدى، ساياھەت قىلىدىغانلار، تۇغقان يوقلايدىغانلار قاتارلىق يولۇچىلار ئېقىمى ئېھتىياجى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىلىپ، يولۇچىلار تىرانسپورت بازىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ تۆمۈريولى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توشۇش كۈچىنى ئىلمىي ئاجرىتىپ، يولۇچى توشۇش مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، توشۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولۇچىلارنى توشۇدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچى توشۇش بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق يۆنىلىشكە قاتنايدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسى، دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا بىرىكتۈرۈش، ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىشلەردىكى توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر مىللەت يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

8 - ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۈرۈمچى - غۇلجا، ئاقسۇ - كورلا قاتارلىق كۆپ جايلار ئارا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى زىچ كۆپەيتتى. جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولى «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» «تىيانشان ناملىق» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنى تەسىس قىلىپ، قەشقەر يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتىپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچىنى پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشقا جەلپ قىلدى. 8 - ئايدا، ئۈرۈمچىدىن بورتالاغا بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بارىدىغان C863 قېتىملىق «فۇشىڭ ناملىق» شەھەرلەر ئارا پويىز قاتنىدى، ئوخشاش يۆنىلىشتىكى شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان «فۇشىڭ ناملىق» باشقا پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا سەپەر ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سائەت ئىككى مىنۇت تېجەپ قېلىندى. قەشقەر بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتىكى باشقا يولۇچىلار پويىزىغا سېلىشتۇرغاندا سەپەر ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن ئىككى سائەت 40 مىنۇت تېجەپ قېلىندى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ۋوگزاللار ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تەكشۈرۈش يولى، بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈش يولىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، يۇقىرى پەللە ۋاقىت بۆلىكى، پويىز زىچ يېتىپ بېرىش ۋاقتىدا بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى، ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدا تېز ئۆتكۈزۈش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا تېز كىرىش - چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ پويىز كۈتۈش زالى، مۇلازىمەت سۇپىسى، ۋوگزال سۇپىسى قاتارلىق يولۇچىلار زىچ توپلاشقان رايونلاردا راۋانلاشتۇرۇش ئەسكەرتىشىنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.



Baidu
map