شىنجاڭ 2025- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىنى ئېلان قىلدى

2024-10-14 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ) 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: شىنجاڭنىڭ 2025- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇن كېلىش كېرەك: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش؛ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ياكى ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇش؛ سالامەتلىك ئەھۋالى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛ نوپۇس ۋە ئوقۇش تەۋەلىكى تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

  1. ئىمتىھان بەرگۈچى ھەم ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيسى شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسىدا بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇسىنى شىنجاڭغا يۆتكىگەن ۋاقتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى (2025- يىلىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىچە بولغان ۋاقىت بويىچە ھېسابلىنىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)، شىنجاڭدا قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇشى، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى شىنجاڭدا ئۇدا ئەمەلىي ئوقۇغان ۋاقتى ئۈچ يىل (تولۇق بىرىنچى يىللىق، تولۇق ئىككىنچى يىللىق، تولۇق ئۈچىنچى يىللىق) بولۇشى ھەم ئۈچ يىللىق ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپى بولۇشى كېرەك، ئۇدا ئۈچ يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇشى كېرەك.

  2. ئىمتىھان بەرگۈچى ھەم ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيسىنىڭ شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسىدا بولۇشى، شىنجاڭدا قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇشى، ئىمتىھان بەرگۈچى باشلانغۇچ مەكتەپنى شىنجاڭدا ئۇدا ئەمەلىي ئوقۇغان ھەم مۇناسىۋەتلىك ئوقۇش تەۋەلىكى ئىسپات ماتېرىيالى بولۇشى كېرەك، باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى سەنئەت، تەنتەربىيە تۈرىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئىسپات ماتېرىيالى بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچى شىنجاڭغا قايتىپ سەنئەت، تەنتەربىيە تۈرى قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى مەكتەپ (كەسىپ)لەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتسا بولىدۇ.

  3. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسىدا بولۇشى، شىنجاڭدا قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇشى، يېشى 25 ياشتىن تۆۋەن (25 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى كېرەك.

  4. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەلگەن (جەزمەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەلگەنلىككە ئالاقىدار رەسمىيەت ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك) بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچى ھەم ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسىدا بولۇشى، ئىمتىھان بەرگۈچى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇش تەۋەلىكى چوقۇم 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن ھەم ئۇدا ئەمەلىي ئوقۇغان بولۇشى، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇۋاتقان جايدىكى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ھەربىي قىسىم يۆتكەلگەن، خىزمىتى يۆتكەلگەن ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى (ئىسلاھات مەزگىلىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كادىردىن مۈلكىي كادىرغا ئۆزگەرگەن خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە، مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيسى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشقا يۆتكەلمەكچى (جەزمەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەلگەنلىككە ئالاقىدار رەسمىيەت ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك) بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيسىنىڭ يۆتكىلىش رەسمىيىتى بىر يىل ئىچىدە بېجىرىلسە، ئىمتىھان بەرگۈچى ھەم ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيسىنىڭ نوپۇسىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا يۆتكەپ كېلىش، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا يۆتكەپ كېلىش ھەم ئوقۇش تەۋەلىكى تۇرۇشلۇق مەكتەپتە ئۇدا ئەمەلىي ئوقۇشى كېرەك. شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئىمتىھان بەرگۈچى ھەم ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيسى شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسىدا بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى جەزمەن جەزمەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان يىلنىڭ ئالدىنقى يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەپ كېلىش ھەم ئۇدا ئەمەلىي ئوقۇغان بولۇش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇۋاتقان جايدىكى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى تەستىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ھەربىي قىسىم يۆتكەلگەن، خىزمىتى يۆتكەلگەن ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى (ئىسلاھات مەزگىلىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كادىردىن مۈلكىي كادىرغا ئۆزگەرگەن مۈلكى خادىملارنىڭ پەرزەنتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە، مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  5. شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرى تولۇقسىز 3- يىللىقتا ھەم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىل ئەمەلىي ئوقۇغان ھەم تۆت يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بار، ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى بار، شىنجاڭنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بار، ئۇلارنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ شىنجاڭدا قانۇنلۇق كەسپى ھەم تۆت يىللىق ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياكى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بار بولسا، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىكى ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى)گە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن خادىملارنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-، 3- يىللىقىدا ھەم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىل ئەمەلىي ئوقۇغان ھەم بەش يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بار، ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى بار، شىنجاڭنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسى بار، ئۇلارنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ شىنجاڭدا قانۇنلۇق كەسپى ۋە بەش يىللىق ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى بار، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياكى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بار بولسا، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى) ۋە ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىكى ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى)گە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن خادىملارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا شىنجاڭدا ئۇدا ئالتە يىل ئەمەلىي ئوقۇغان ھەم ئالتە يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بار، ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى بار، شىنجاڭنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇلارنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ شىنجاڭدا قانۇنلۇق كەسپى ۋە ئالتە يىللىق ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياكى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بار بولسا، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى)گە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.



Baidu
map