9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 20 مىليون ئادەمدىن ئاشتى

2024-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 20 مىليون 855 مىڭ 300 ئادەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 322 مىڭ 800 ئادەم كۆپىيىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 5 مىليون 409 مىڭ 500 ئادەمگە يەتكەن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 15 مىليون 445 مىڭ 800 ئادەمگە يەتكەن.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ سۇغۇرتىغا ئۇدا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن قوزغىتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈردى.

  2024-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى جۇغلاش ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈردى. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يېڭىدىن 30 يۈەن كۆپەيتتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ يىلىغا 670 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر ئادەمنىڭكىنى يىلىغا 380 يۈەنگە يەتكۈزدى.



Baidu
map