6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

2024-10-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى، فۇ خۇا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى، ئەركىن تۇنىياز تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى​

باشلىقلار يىغىنىدا ئۈرۈمچى ئورتاق تونۇشى ئېلان قىلىندى

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئىدىيە ۋە ئەقىل - پاراسەت جەھەتتە ئۇچرىشىش، ھەمكارلىق ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىش. 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارمىقى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىزدەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى فۇ خۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، دىققەت قىلىپ كەلگەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھە تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلار ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ھەم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالەت بىلەن يېڭى پۇرسەت، يېڭى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھەم پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ ساھەسىنىڭ كاتتا يىغىلىشى، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭنى نەق مەيداندا چۈشىنىدىغان مۇھىم كۆزنەك. ھەرقايسى دۆلەت، ھەر ساھە تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارنىڭ تاراتقۇ ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىپ، پائال تۈردە شىنجاڭنى بايقاپ، شىنجاڭ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چوڭقۇر زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگو شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخبارات ئەخلاقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىپ، شىنجاڭنى خاتىرىلەپ، ساختا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىق توسۇپ، يالغان - ياۋىداق سۆز، بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى سۆزلەپ بېرىش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

فۇ خۇا ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم قوزغاتقۇچ كۈچى» دەپ كۆرسەتتى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «تاراتقۇ ئىسلاھاتى قەيەرگە بارىدۇ» دېگەن سوئال دەۋر بىزگە يۈكلىگەن بىر «چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال» بولۇپ قالدى. بىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا پائال قۇچاق ئېچىپ، تاراتقۇ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، تاراتقۇلارنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز «ئورنىغا دەسسىتىش ئەمەس، بەلكى كۈچ قوشۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئادەمنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى تەكىتلەپ، «تېخنىكىنىلا ئاساس قىلىش نەزەرىيەسى»نى تۈگىتىپ، ئادەم بىلەن تېخنىكا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تاراتقۇ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئاخبارات ئەخلاقىنى چىڭ ساقلاپ، تاراتقۇ ساھەسىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكى، تىزگىنلىنىشچانلىقى، ئادىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاخباراتنىڭ ئوبيېكتىپ، چىنلىقتىن ئىبارەت جان تومۇرىنى ياخشى ساقلىشىمىز كېرەك. شىنخۇا ئاگېنتلىقى پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبە، نەتىجىلەرنى ھەمبەھرىلەپ، ئاخباراتنىڭ چىنلىقىنى قوغداپ، تاراتقۇلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەلگۈسىگە قاراپ ئورتاق يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 15 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيا تاراتقۇلىرى ئەقىل - پاراسەتنى ئۇچراشتۇرىدىغان، ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنى چۈشىنىپ، بۇنى پۇرسەت قىلىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ مەبلەغ سېلىشتىكى مېھىرلىك تۇپراق، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى، مەدەنىيلىك گۆھەر تۇپرىقى، خەلق تۇرمۇشىدىكى بەختلىك ماكاندىن ئىبارەت بىرقانچە جەھەتنى چۆرىدەپ تەپسىلىي تونۇشتۇردى، تاراتقۇلاردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىنى، زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىشىنى، سەيلە - ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، بىۋاسىتە ھېس قىلغان ھەقىقىي شىنجاڭنى ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ۋە دوستلارغا تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇقىم، گۈللەنگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ۋە تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىرلىكتە «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» باش تېمىسىدىكى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش فىلىمىنى كۆردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن ۋېنجۈن تەبرىك سۆزى قىلدى.

قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى كې چيۇمىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات سىستېمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ماسلاشتۇرغۇچىسى چاڭ چىدې سىنلىق سۆز قىلدى.

جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ سۆز قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىزدەندى. تاس ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى ئاندىرى كوندراشوف مۇنداق بىلدۈردى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تاراتقۇ كەسپىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكتە، دۇنيا تاراتقۇلىرى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئورتاق بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مەيلى تېخنىكا قانداق تەرەققىي قىلسۇن، ئادەمنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى ۋە ئىنتىلىشىگە مەڭگۈ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزۈشنى ساقلاش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ئىنتايىن مۇھىم. دۇنيا تاراتقۇلىرى ئورتاق بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەسپىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مەنپەئەت كۆزلەپ، بەخت يارىتىشى كېرەك.

قاتار يېرىم ئارال تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى مۇستاپا سۇۋاگ (مەسلىھەتچىسى سالاھىدىن ۋاكالىتەن سۆز قىلدى)، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپى يۈ جىجۈن، رېيتېر ئاگېنتلىقى باشلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى يەن لىڭسى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى خۇ جىنجۈن، جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋىلسون سۇبولامونې، ھىندىستان مۇرىت گېزىتى گۇرۇھىنىڭ باش مۇھەررىرى سۇرەش نامباس، بىرازىلىيە سان پاۋلو يېباۋ گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى مارسېلو بېنېس، ۋېنگرىيە ATV گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كوۋاك تاماش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىن، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى جۇڭ رېنمۇ سۆز قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندا، «6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچى ئورتاق تونۇشى» ئېلان قىلىندى. ئورتاق تونۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى ۋە خىرىسنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك تاراتقۇ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرى دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈەن بىڭجۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە قىسمەن مەركەز تاراتقۇلىرى، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار، قىسمەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.



Baidu
map