شىنجاڭدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 547 مىڭ 500گە يەتتى

2024-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 547 مىڭ 500 (بىڭتۇەندىكى 277 مىڭ تىجارەت سۇبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.14 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانا 569 مىڭ 100 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.48 ئاشقان؛ يەككە سودا - سانائەتچى 1 مىليون 933 مىڭ 500 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.69 ئاشقان. ئومۇمىي مىقداردىن قارىغاندا، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى تۇپراق. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بازارلاشقان مۇھىتنى، سالمىقى بولغان، تېخىمۇ ئىللىق بولغان قانۇنچىللاشقان مۇھىتنى، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، باراۋەر، خەلقئارالاشقان مۇھىتنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كارخانىلار ئۈچۈن ئاغرىق نۇقتىنى تۈگىتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر ئېلان قىلىنىش ئارقىلىق، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى قولايلىق بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «ئالىقاندا بېجىرگىلى بولۇش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىندى؛ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازىتىدە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى بىرلىكتە بېجىرىش»نى رەقەملەشتۈرۈش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى؛ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 19 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «تەگمە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلمىي بولغان سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، بانكا - كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسىنى پائال قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ «يىپەك يولى كارخانا كىرېدىتى» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ رايونلۇق شۆبە بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئۈچۈن «تىجارەتچىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش. داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى مەھسۇلات قەرز پۇلى» كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويدى، بۇ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجدىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ماس كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى تىپقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار ئاساسىي تۈزۈمنىڭ بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.



Baidu
map