شۆھرەت زاكىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى

2024-10-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي شاڭچېڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ رۇيباۋ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، چېگرا رايونلارنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەگە قاراپ مەركەزلىشىشى، خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەگە قاراپ كۈچىشى، خىزمەت كۈچىنىڭ ئاساسىي لىنىيەگە قاراپ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تەلىپى ۋە شىنجاڭدىكى چېگرا رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئارىلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىشقا تىرەك بولۇش، نازارەتچىلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەسى، رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا، مەكتەپ، مەھەللە، پورت ۋە دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

چېن ۋېيجۈن، لى نىڭپىڭ، لى جېنگو، ياڭ شيۇلى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.



Baidu
map