شىنجاڭدىن سەككىز جاي دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرىپ بولدى

2024-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: ئانار بۇلۇت

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن) قىزىلسۇ (تورغات) قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ يېڭى بىر تۈركۈمدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىدىن سەككىزى بار بولدى.

  يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى بىر تۈركۈمدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. يېڭى بىر تۈركۈمدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى جەمئىي 26 بولۇپ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، سىچۇەن قاتارلىق شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە چېتىلىدۇ؛ تۈگۈن تىپىدىن قارىغاندا، قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكىسىدىن ئۈچى، ئايروپورت تىپىدىكىسىدىن ئىككىسى، پورت تىپىدىكىسىدىن بىرى، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى تىپىدىكىسىدىن سەككىزى، سودا مۇلازىمىتى تىپىدىكىسىدىن توققۇزى، قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكىسىدىن ئۈچى بار بولۇپ، بۇلار دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

  شىنجاڭدىكى سەككىز دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى:

  قىزىلسۇ (تورغات) قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2024- يىلى)

  قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2023- يىلى)

  قەشقەر − قونجىراپ سودا مۇلازىمىتى تىپىدىكى (قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى) دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2023- يىلى)

  كورلا قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2022- يىلى)

  قورغاس قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2021- يىلى)

  شىخەنزە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2021- يىلى)

  ئالاتاۋ قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2020- يىلى)

  ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى (2019- يىلى)


Baidu
map