شىنجاڭ پاختىدا «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىز بەرپا قىلىشتا مو بېشى ھوسۇلىنى كۆزلىمە نىشاندىن ئاشۇردى

2024-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، بۈگۈر، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى ئىش ئورنى - پونكىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر قانات يايدۇرغان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى ئونمىڭ مولۇق پاختا يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن پاختا يىغىش ماشىنىسى ئەمەلىي ھوسۇل يىغىشتا مو بېشى ھوسۇلى 564 كىلوگىرام بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئونمىڭ مولۇق پاختا مو بېشى ھوسۇلى چىگىتلىك پاختا كۆزلىمە نىشانىدىن ئاشتى.» 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى ئاقيا كەنتىدىكى ئونمىڭ مولۇق پاختا يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ كېۋەز مۇتەخەسسىسلىرى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جوۋ جىگو ھوسۇلنى ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۆلچىگەن شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىكى يۈز مو يەردە يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 769 كىلوگىرام، مىڭ مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىنغان ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 636 كىلوگىرام بولدى ھەم تالا سۈپىتى بىردەك قوش 30دىن يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدا «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىز بەرپا قىلىشتا مو بېشى ھوسۇلى كۆزلىمە نىشاندىن خېلىلا ئېشىپ، ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ماس ئاشۇرۇش رېكورتى يارىتىلدى.

«ياخشى سورتنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تېخنىكىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈز مو يەردىن، مىڭ مو يەردىن ئونمىڭ مو يەرگىچە بىردەك يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ھەمدە سۈپەت، ئۈنۈمنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى بۇ خىل يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېدى جوۋ جىگو.

شىنجاڭ پاختا كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شۆيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى پاختىدىن يۈز مو يەردە، مىڭ مو يەردە، ئونمىڭ مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىشتا چوڭ غوزەكلىك ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتى يۈەنميەن 8 - نومۇر ئىشلىتىلگەن، ھەم مىقدار، سۈپەتنى ماسلاشتۇرۇش، غوزا ساقلاش دورىسى، ئورگانىزم باكتېرىيەسى - ئوغۇت زەمبۇرۇغى دورىسى، چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ يىلتىزنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتىلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، بۇ پاختا مەھسۇلاتىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «كۆپ خىل تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ھوسۇلنى تەكشى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرگەن.

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ پاختا كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئارال شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسىدە يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى يۇقىرى ھوسۇل بەرپا قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

لى شۆيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ پاختىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق، كىلىمات ھەم سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئاساسىي ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كۆلەملەشكەن، ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىمۇ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، پاختىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى كۆپەيتىشتە نۇقتىلىق ھالدا مو بويىچە يېتىلگەن غوزا سانى ۋە غوزا ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كۆپەيتىش كېرەك.



Baidu
map