2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانى ئېلان قىلىندى

2024-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىغا 2023 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئومۇمىي خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 8332 يۈەن بولۇش ئىشلىتىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىن بۇ«ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانى ۋە تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلىشىنى سورايمىز.

   بۇ «ئۇقتۇرۇش»نى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بېسىپ تارقاتتى، بېسىپ تارقىتىلغان كېيىنكى ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىغا 2022 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئومۇمىي خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 7625 يۈەن بولۇش ئىشلىتىلگەن.


Baidu
map