شىنجاڭدا 2024-يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىدۇ

2024-09-21 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 2024-يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىدىكەن، بېكىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10دىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17گىچە جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تورى (https://www.jszg.edu.cn)غا چىقىپ توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. 

  بېكىتىش دائىرىسى جەھەتتە،دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغان ھەم تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملار؛شىنجاڭنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار باشقا ئۆلكە، شەھەر نوپۇسىدىكى خادىملار (ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار ۋە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھازىر ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ھازىر ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوراللىق ساقچىلار؛ شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان، ئولتۇراقلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرى، جۈملىدىن قولىدا كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار ھەمدە تۇرۇشلۇق جايى شىنجاڭدا بولغان شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن ئاھالىلىرى؛ شىنجاڭدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشقان، قولىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى رايونلارغا بېرىش-كېلىش يول خېتى بار شياڭگاڭ، ئاۋمىن ئاھالىلىرى، قولىدا بەش يىللىق كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىش-كېلىش يول خېتى بار تەيۋەن ئاھالىلىرى. 

   بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ناھىيە(شەھەر، رايونلۇق)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ. نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، گۇۋاھنامە تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېلانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 


Baidu
map