نىشاننى چىڭ تۇتۇپ بوشاشماي، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش كېرەك

2024-10-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

نىشاننى چىڭ تۇتۇپ بوشاشماي، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش كېرەك

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جاڭجوۋ شەھىرىنىڭ دۇڭشەن ناھىيەسى چېنچېڭ بازىرى ئاۋجياۋ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بېلىقچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جۇڭگو (فۇجيەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى شيامېن بۆلەك رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىنىڭ كۆزنەك خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: فۇجيەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مېخانىزمى جانلىق، كەسىپلىرى ئەلا، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل يېڭى فۇجيەن قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ بوشاشماي، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەر تەرەپلىمە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ زۇيى ۋە ئۆلكە باشلىقى جاۋ لۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جاڭجوۋ، شيامېن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا - كەنت، قىزىل تەربىيە بازىسى، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جاڭجوۋ شەھىرىنىڭ دۇڭشەن ناھىيەسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چېنچېڭ بازىرى ئاۋجياۋ كەنتىنىڭ ئۈچ تەرىپى دېڭىزغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتنى دېڭىز ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، كەنتنى دېڭىز ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى. شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ ئاۋجياۋ قولتۇقى دېڭىز رايونىنىڭ مۇھىتى ۋە كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودا ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. نۇرغۇن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ تولىمۇ خۇشال بولدى. ئۇ بەس - بەستە چۆرىدەپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە بېلىقچىلارغا مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ كەنتكە مەن 23 يىل ئىلگىرى كەلگەنىدىم، ھازىرغىچە چوڭقۇر ئېسىمدە بار. بۇ قېتىم كېلىپ كەنتتە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم، تولىمۇ ھاياجانلاندىم. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزىلار چوقۇم تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ، دېھقانلار تېخىمۇ قايناق تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پاراۋۇزلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ «دېڭىز»نى چۆرىدەپ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئورتاق بېيىش يولىدا توختىماي ئىلگىرىلىشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ گۇ ۋېنچاڭ خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، يولداش گۇ ۋېنچاڭنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئىگىلىدى، شۇ جاينىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، گۇ ۋېنچاڭ كادىرلار شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە، مۇھىمى پۇقرالارنىڭ باھاسىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يولداش گۇ ۋېنچاڭدىن ئۆگىنىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئابىدىنى خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە تىكلىشى كېرەك. يولداش گۇ ۋېنچاڭدىن ئۆگىنىشتە، يۈكسەك ئىرادىلىك ئۇلۇغ زاتلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىپلا قالماي، يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بولۇش، ئىش كۆرۈش كېرەك.

گۇەندى مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىدا، شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەجدادلاردىن قالغان قىممەتلىك بايلىق، ئۇنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شيامېندا جۇڭگو (فۇجيەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى شيامېن بۆلەك رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شۇ جاينىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىدىكى كۆزنەك خىزمەتچىلىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شيامېن ئالاھىدە رايونى 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئەينى يىللىرى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى تۇتۇشتا، مەيلى چوڭقۇرلۇق ياكى كەڭلىك جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى قويۇلدى. فۇجيەن بىلەن شيامېن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەمگە ئۇدۇللىشىپ چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى كۆپرەك يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شيامېندا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، فۇجيەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېڭى يول ئېچىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا چوڭ - چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سىياسىتى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى، تېخىمۇ جەلپكار ئىختىساسلىقلار مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، داۋاملىق دادىل سىناق قىلىش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، «جىنجياڭ تەجرىبىسى»دە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئويلاۋاتقان، كۈتۈۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئالدىن ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايون زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، مۇھىم يولى بولۇش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك. تاغلىق رايونلار بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاغلىق رايونلار بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش، ئىقتىدار ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز - ئوكيانغىچە بولغان قوغداش، تۈزەش چوڭ ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ۋادى، نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىلەن يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايون، سوۋېت رايونلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورمان يېمەكلىكلىرى، ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئورمان ئاشلىق ئامبىرى، پۇل ئامبىرى»نى ئۈزلۈكسىز قېزىش، يېتىشتۈرۈش كېرەك. فۇجوۋ، شيامېننىڭ مەملىكەت بويىچە دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تېز قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، فۇجيەننىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش جەھەتتە بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چاڭتىڭ، نىڭخۇا ئۇزۇن سەپەر دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇرۇق - تۇغقان، يۇرتداشلار، ئەسلىي يۇرت مەدەنىيىتى قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتەك يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇشقا تەربىيەلەش كېرەك. خەلققە بەخت يارىتىدىغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4 - پەسىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.



Baidu
map