جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2024-10-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىشيې خۇەنچىفوتوسى

9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 3000دەك جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زات بىلەن خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىخۇاڭ جىڭۋېنفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى جەزمەن يېڭى تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ، جەزمەن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

لى چياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. تەخمىنەن 3000دەك جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زات خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېگىز ئېسىلغانىدى، «2024 − 1949» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى ئوتقاشتەك قىزىل بايراقلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

سائەت 17دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شادىيانە «مەرھابا مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار زىياپەت زالىغا كىرىپ، كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» زالدا ياڭرىدى.

جاراڭلىق بۇرغا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلارغا ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى. جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەشتىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان بۇ ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇش كېرەك. جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىسلاھات ـ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. جەزمەن تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنى، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق قان قېرىنداش، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 ـ يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، تارىخنىڭ چاقىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانلار بىر يەرشارىدا بىللە ياشايدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تەقدىرداش. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 75 يىللىق جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبال نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز تەپ ـ تەكشى ئەمەس، چوقۇم جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇ بولىدۇ. بىز تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، بارلىق ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى قەتئىي يېڭىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق قىيىنچىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشى، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، لى رۇيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار بار.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر ساھەدىكى مەشھۇر زاتلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، پېشقەدەم جياڭجۈنلەر، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى ئىلگىرى ۋاپات بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جورىلىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «دوستلۇق ئوردېنى» «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى» «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەم ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى قىسمەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زاتلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زاتلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، قىسمەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەللىك دوستلار قاتارلىقلارمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.


Baidu
map