غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

2024-09-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى پائالىيەتكە قاتناشتى

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار خەلق سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار خەلق سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىگە دۆلىتىمىزدىكى نەچچە ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، شىجائىتى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ مىللەت ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى پائالىيەتكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، چاڭئې 6 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەلدى، مەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتىم. بۈگۈن مەن ۋە مەركەزدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە سەمىمىي سالام يوللايمىز!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭئې 6 ـ نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملاپ، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئابىدە. 20 يىلدىن بۇيان، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا دىققەت ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرىدە سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي بايقاش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يولى تېپىپ چىقىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چەكسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بىزنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان ئالەم قاتنىشى ئارزۇيىمىز. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالەم قاتنىشى خادىملىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش، «ئۇلۇغۋار پىلان ئارقىلىق ئارزۇنى پۈتۈش»تىن «كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش»قىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق زېمىنى، بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىشى. ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا باشتىن ـ ئاخىر باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، «چاڭئې» ھەم جۇڭگونىڭ، ھەم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە بولۇپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، يەرشارىۋى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئىزدىنىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى قوشتى. بىز داۋاملىق تۈردە قۇچىقىمىزنى كەڭ ئېچىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالەم قاتنىشى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، تاشقى ئالەم بوشلۇقىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ چېكى يوق. ئالەم قاتنىشى سېپىدىكى يولداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشى چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، بوشلۇق ئىلمى، بوشلۇق تېخنىكىسى، بوشلۇقتا قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا كېلىپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە «ئالەم بوشلۇقىدا ئاينى تەكشۈرۈش . ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 20 يىللىقى» نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

لى گەنجيې، لى شۇلېي، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى ھازىرغىچە تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاڭئې 6 ـ نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئاي شارى ۋە سەييارىلەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.



Baidu
map