خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ جانلىق ـ جۇشقۇن، تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

2024-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ جانلىق ـ جۇشقۇن، تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جانلىق ـ جۇشقۇن، تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 75 يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم ـ لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، سىياسىي پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت بولۇپ، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى، نەزەرىيە ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە روشەن سىياسىي ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزگىچە سىياسىي قىممەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئاساسلىقى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇردۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇردۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇردۇق، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇردۇق، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇردۇق، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردۇق. بۇ ئون ماددا پارتىيەمىزنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، 75 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئىپادىسى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلى ۋە سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پائال تۈردە ياخشى كەيپىيات ۋە شارائىت يارىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل ـ پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئورتاق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسلىق ئوق، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ روشەن سىياسىي خاسلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئىدىيەدە ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەرىكەتتە قەدەمنى بىردەك ئېلىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ توپلانغان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كېڭىشىش شەكلىدە نازارەت قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار ۋە دىنىي زاتلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى كۈچەپ ياخشى سىزىپ چىقىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشى بىلەن باشقا كېڭىشىش شەكىللىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىدىغان، كېڭىشىشنى بىلىدىغان، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي سالاھىيىتىنى قەدىرلەپ، سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىلىرى يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، بىر قىسىم دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 800 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.



Baidu
map