شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2024-09-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا تەرەپ ھەم خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا تەرەپ ھەم خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، دۇڭ شۆ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا تەرەپ ھەم خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى.

9 - ئايدىكى بېيجىڭنىڭ كۈز ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن ئىدى. ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئافرىقىدىكى 51 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ھەم جورىلىرى، ئىككى زۇڭتۇڭ ۋەكىلى، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئارقا - ئارقىدىن خەلق سارىيىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىدى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شوخ، ئوماق ئۆسمۈر - بالىلار يېقىملىق ناخشا ئېيتىپ، شادىيانە ئافرىقا دۇمبىقىنى چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

لەرزان قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىردى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر قېتىم ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن كۆرۈشكەندە، تولىمۇ يېقىملىق ھېس قىلىمەن، بولۇپمۇ جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئەنئەنىۋى دوستلۇقتا يىلتىز تارتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا نامايان بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا زورايدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلاشتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇنى رېئاللىققا تۇتاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بىردەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ باشلامچىلىرى، كەلگۈسىدىمۇ مۇقەررەر ھالدا قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئىشىنىمەنكى، 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرى بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولسىلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئافرىقا - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئاساسى چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئالىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدۇ، بىردەك تېخىمۇ باراۋەر، تەرتىپلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئافرىقا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ھەمدە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىغا، جۈملىدىن مۇنبەر مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە «قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى. ئويۇندا جۇڭگو - ئافرىقا رەڭدار مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشى، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى نامايان قىلىنىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشتى.

ۋاڭ يى، يىن لى، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


Baidu
map