ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك

2024-09-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتناشتى، دىڭ شۆشياڭ سۆز قىلدى


9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجۈ پېڭفوتوسى


9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار بېيجىڭدا 40 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇخبىرى لىتاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسىمەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن گۈزەل ئارزۇسى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى باشلامچى ۋەزىپە، پۇختا ئاساس، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ، جەزمەن بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 40 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى يىغىنغا قاتناشتى. دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشكە ئائىت مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، 2035 ـ يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز قۇرۇپ چىقىدىغان مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكلەش كۈچى، ئىختىساسلىقلار رىقابەت كۈچى، پەن ـ تېخنىكا تايانچ كۈچى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچى، ئىجتىمائىي ماسلىشىش كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىزنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تىرەك بولۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئەتراپلىق يېتىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، قېلىپلاشقان ـ تەرتىپلىك بولۇش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىش بىلەن خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ياش ـ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرىنى تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قىزىل بايلىقنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە تور ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بوشلۇقى ۋە بازىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش ـ تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساس پەنلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەنلەر، گىرەلەشمە پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، ماھىر ئۇستىلار، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ بايلىقىنىڭ رايونلارغا تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزىلار، رايونلار، مەكتەپلەر، كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. «ئىككىنى ئازايتىش» نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش بويىچە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، كەسپىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىيەتتە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە قىلىش، بۇ كەسىپنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە مائارىپ پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى مائارىپنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، يەرشارىۋى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئاساسىي يولىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا توغرا، ياخشى بىرتەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مائارىپ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرسلىكنى ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكلەش مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپقا دائىر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسىنى ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مىخ قېقىش روھى بىلەن يىغىن روھىنى كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ داشۆدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار 40 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.



Baidu
map