جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2024-08-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇ بەرپا قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك

جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى

http://uy.ts.cn/pic/003/528/372/00352837261_1a58b2a5.jpg

8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش دېڭ شياۋپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە مەشھۇر رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيەنىڭ 2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزمچى. ئۇ پارتىيەگە، خەلققە، دۆلەتكە، مىللەتكە، دۇنياغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇپ، تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ، كېيىنكىلەرگە مەڭگۈ ئىلھام بېرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، جەڭگىۋار ھايات، ئۇلۇغ ھايات. ئۇ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ پارتىيەنىڭ 2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى بېكىتىپ، شانلىق سوتسىيالىزم بايرىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي، جۇڭگو ۋە دۇنياغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق. ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش مۇساپىسى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادى چەكسىز مۇستەھكەم بولۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى، خەلقنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈشتەك ئۇلۇغ ھېسسىياتى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشتەك نەزەرىيە پەزىلىتى، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان سىياسىي جاسارىتى، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، سەمىمىي - شەخسىيەتسىز كەڭ قورساقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىنى بىز مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز؛ ئۇنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي خىسلىتىگە بىز مەڭگۈ ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ مۇھىم ئىدىيەۋى بايلىق − ئۇ ئاساس بولۇپ ياراتقان دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئابىدە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە بىز جەزمەن دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىپ ھەم يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ سوتسىيالىزمغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم يەكۈنى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، توغرا تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا ئاساسەن نەزەرىيەنىڭ جەۋھىرى ۋە ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چەتنىمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇر، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى چىڭ ساقلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ئۇ بەرپا قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتۇر. بىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆزئارا ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئارزۇسى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. بىز داۋاملىق تۈردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشى، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىشىمىز ۋە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇشىمىز، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ. بىز باشتىن - ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ شانلىق، كۈرەشچان، ئۇلۇغ ھاياتى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچقانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلغانلىقى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ياراتقانلىقىدەك ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئالىيجاناب ئىنىقىلابىي خىسلىتىنى ئۆگىنىپ، ئۇ ياراتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، بېيجىڭ شەھىرى، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىلگىرى يېنىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە «مەملىكەت بويىچە يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان ۋەكىللەر قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


Baidu
map