مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

2024-08-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ 33 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

http://uy.ts.cn/pic/003/528/365/00352836591_44f4b42b.jpg

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىدا 33 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

http://uy.ts.cn/pic/003/528/365/00352836592_d25d8cc9.jpg

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىدا 33 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 33 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بۇرچنى يەردە قويماي، دۆلىتىمىزنىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە چېگرا سىرتىدا قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان - شەرەپ كەلتۈردۈڭلار. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەنتەربىيە سېپىدىكى يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ھەم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۆلەت گۈللەنسە تەنتەربىيە گۈللىنىدۇ، دۆلەت كۈچەيسە تەنتەربىيە كۈچىيىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەنتەربىيە چوڭ دۆلەتلىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تەنتەربىيە ماھارەت مەشىقىنى ئىلغار پەن - تېخنىكا تىرىكى ۋە پۇختا ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساس يارىتىپ بەردى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇقەررەر ھالدا دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەنتەربىيە ئىشلىرىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە ئولىمپىك روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە دەۋر روھىنى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو روھىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. مۇسابىقە مەيدانىدا، كۆپچىلىك پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ شان - شەرىپى مەڭگۈ شەخسنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ»، «مەن بۇ ئالتۇن مېدالنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە تەقدىم قىلىمەن» دېگەندەك جاراڭلىق قەسەملىرى بىلەن، ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، دۆلەت ئۈچۈن شان - شەرەپ كەلتۈرىدىغان ساپ ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشتەك جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى نامايان قىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشتەك قىممەتلىك پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۈمىدۋار، قىزغىن، دوستانە بولغان، ئوچۇق - يورۇق خىسلىتىنى نامايان قىلدى. سىلەر پۈتۈن دۇنيانى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر جۇغلانمىسىنى كۆرۈش، جۇڭگونىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى كۆرۈش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى، غەيرىتى، جاسارىتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىڭلار. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، سىلەرنى ئالقىشلايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەخلاق ئالتۇن مېدالى، خىسلەت ئالتۇن مېدالى، پاكىز ئالتۇن مېدال ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيە ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ ھۆرمەتكە ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى. مۇسابىقە مەيدانىدا كۆپچىلىك قائىدىگە رىئايە قىلىپ، رەقىبىنى ھۆرمەتلەپ، رېپېرنى ھۆرمەتلەپ، تاماشىبىنلارنى ھۆرمەتلەپ، ياخشى مۇسابىقە ئىستىلى، مۇسابىقە ئىنتىزامى ۋە مەدەنىيلىك قائىدە - يوسۇنلىرىنى ساقلاپ، غەلىبە قىلغاندا مەغرۇرلانماي، مەغلۇپ بولغاندا مەيۈسلەنمەي، ماھارەت جەھەتتە، ئەخلاق جەھەتتە، خىسلەت جەھەتتە ئالتۇن مېدال ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەزگىلى باشلاندى. كۆپچىلىكنىڭ مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مەشىق ۋە مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا، ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسىنىڭ جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ يى، ليۇ گوجۇڭ، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، چېن ۋۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


Baidu
map