شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇلىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024-08-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


http://uy.ts.cn/pic/003/528/362/00352836236_c441cac4.jpg

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سۇ لىن ۋە رەپىقىسى ۋۇ فاڭلى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ سۇ لىننىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز باش شۇجى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىڭىزدە جۇڭگوغا كەلدىڭىز، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئورتاق غايە - ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن قىزىل گېن بولۇپ، ئۇنىڭغا «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇجەسسەملەنگەن. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى دوستلۇق ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئورتاق بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەن يولداش سۇ لىن بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى قىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ. ھەرقايسىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىق تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇش، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش تېخىمۇ زىچ بولۇش، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ھەل قىلىش تېخىمۇ ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە تېخىمۇ» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن قويۇق ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» رامكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل تاموژنىنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ بىخەتەر، مۇقىم بولغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «جۇڭگو - ۋىيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز. ئىككى تەرەپ تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشى ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىللە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئورتاق ئاتلىنىشنى خالايدۇ.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىشىم ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدەك مەيدانىنى، جۇڭگونى ۋىيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى يولداش رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورتاق بېكىتكەن يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن بارلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ھەمدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. شياڭگاڭ، شىنجاڭ، شىزاڭغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ۋىيېتنام تەرەپ ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، چېگرا ھالقىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى «ۋىيېتنام - جۇڭگو ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ياشلار، يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ پارتىيە مەكتىپى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سانائەت، پۇل مۇئامىلە، تاموژنا تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، سەھىيە، ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ۋە تاراتقۇ، يەرلىك، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۇ لىن بىلەن چاي ئىچكەچ كىچىك دائىرىدە پاراڭلاشتى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا سۇ لىن ۋە رەپىقىسى ۋۇ فاڭلى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

سۇ لىن يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بىلەن سۇ لىن پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. سۇ لىن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا سۇ لىن ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

سۇ لىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىدۇ.


Baidu
map