شى جىنپىڭ شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى خورتا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024-07-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى خورتا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خورتا بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى خورتا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى شەرقىي تىمورنىڭ دۆلەت قۇرۇش تۆھپىكارى ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي تىمور بىلەن بولغان دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، سىزنىڭ زىيارىتىڭىز شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن شەرقىي تىمورنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو شەرقىي تىمورنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلدى ھەم شەرقىي تىمور بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، بۇ، سىياسىي تۈزۈمى، تەرەققىيات سەۋىيەسى، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسى. ئىككى ھەپتە بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇ، يەرشارىۋى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي تىمور بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ شەرقىي تىمور بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ تېخىمۇ يۇقىرى» نىشانىغا قاراپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ. بىرىنچى، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو شەرقىي تىمورنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، شەرقىي تىمور بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى قامداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۆت چوڭ نۇقتىلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەجرىبە ۋە تېخنىكىلاردىن ھەمبەھرىلىنىپ، شال ئۆستۈرۈش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بېلىقچىلىق، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىقلاردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي تىمور ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋە كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ. ئۈچىنچى، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە جۇڭگو − پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە شەرقىي تىمور بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىككى تەرەپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

خورتا مۇنداق بىلدۈردى: 1976 - يىلىدىن بۇيان مەن جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگودا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگەتتى، بۇنى ئىنسانىيەت مۆجىزىسى، دېيىشكە بولىدۇ. چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ۋە بىر قاتار مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران ھەمدە پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ، مەسئۇلىيەتچان يەرشارىۋى چوڭ دۆلەت بولۇشتەك رولى ۋە تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەرقىي تىمورنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شەرقىي تىمور جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تىمورنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شەرقىي تىمور بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى ئالاقىدار دۆلەتلەر سۆھبەت ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىشى كېرەك، شەرقىي تىمور جۇڭگو قاتارلىق رايون ھەرقايسى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن، بۇ، قەدىمكى شەرق مەدەنىيلىكىدىكى ئەقىل - پاراسەتنى نامايان قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايمەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تىمور دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا خورتا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە شەرقىي تىمور ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. خورتا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا خورتا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.



Baidu
map